كىمكى ئازراق بولسىمۇ تائەت-ئىبادەت قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىززەت-ئىكرام قىلىپ، ساۋاپنى زىيادە قىلىش بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، تائەت-ئىبادەتنى زىيادە قىلغانسىرى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بېرىدىغان ساۋاپنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا بېرىدىغان پەزلى-رەھمىتىنى تىز قېلىدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھەدىسلەردىن ئەمەس، بۇ سۈپەتنى ئىسپاتلىغۇچى كۆپچىلىك ئەھلى-سۈننە ۋەلجامائە ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بار. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار يۈگۈرۈش دېگەن سۈپەتنى ئاللاھ تائالاغا ئىسپاتلىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار ئۇ يۈگۈرۈشنىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتقا كىرمىگەن.