پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئوقۇلغان پەرز ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئۇلارنى قاقشاتماسلىق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى مۇداپىئە قىلىپ، ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن جېنىنى ۋە مېلىنى سەرپ قىلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇشۇ ئىشلاردىن خەۋەر بەردى، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دەپ سوراۋەرگەن بولسام، ماڭا تېخىمۇ كۆپ جاۋاپ بېرەتتى.