پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىريەنىڭ ئونىنچى يىلى ۋېدالىشىش ھەججىدە ئەرەپات كۈنىدە خۇتبە سۆزلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەجدە كىشىلەر بىلەن ۋېدالاشقانلىقى ئۈچۈن ۋىدالىشىش ھەججى دەپ ئاتالغان. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇپ تەقۋادار بولۇشقا بۇيرىغان. بىر كېچە-كۈندۈزدە ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش. رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، ئۇنىڭدا بېخىللىق قىلماسلىق. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىنغان كىشىلەرگە ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى جەننەتكە كېرىش بولىدۇ.