بۇ ھەدىستە قىزلارنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلغان، چۈنكى قىزلار ھەر جەھەتتىن ئاجىز، كۆپۈنچە ئائىلىلەر ئۇلارنى تەربىيەلەشكە سەل قارايدۇ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىيەلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز» دەپ بىگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇر بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن، يەنى، ئۇ كىشى جەننەتتە رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىدىغانلىقى، تەربىيەلەپ باققان قىزلار باللىرى بولسۇن ۋە ياكى سىڭىللىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىزلار بولسىمۇ يەنىلا ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ ئىككى بارمىقىنى بىر قىلىپ ئۇ كىشىگە خۇش بىشارەت بەرگەن. تەربىيەلەش كۆپۈنچە ماددى ئىھتىياجلىرىنى، كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك، تۇرىدىغان جاي، يوتقان كۆرپىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تەمىنلەش بىلەن بولغاندەك مەنىۋى ئىھتىياجى بولغان تەلىم-تەربىيە ۋە قائىدە-يۇسۇنل، ياخشى ياماننى بىلدۈرۈش بىلەن بولىدۇ. خۇلاسىلىغاندا قىزلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈگۈتۈش بىلەن بولىدۇ