بىر قۇل ئۆزى ئۈستىدىكى خوجايىنىنىڭ ھەققىنى يەنى خىزمىتى، ئىتائەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلسا، خوجايىنىغا سەمىمى بولسا، ئاللاھنىڭ ھەققىدىن ئۆزىگە پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلسا، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا قوش ساۋاپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى ئىشنى قىلىشقا تەكلىپ بېرىلگەن: بىرىنچى: خوجايىننىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ. ئىككىنچى: ئاللاھغا ئىتائەت قىلغاننىڭ ئەجرى، قۇل ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ