پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيلەرنى نامازدىن خالى قىلىپ، ھېچ قاچان ناماز ئادا قىلىنمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى تەكرار زىيارەت قىلىشتىن، قەبرىسىنىڭ يېنىدا مەلۇم ۋاقىتنى بېكىتىپ توپلىشىۋېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى زېمىننىڭ قايسى يېرىدە بولسا ئۆزىگە دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرى ئۇلار يىراقتا بولسۇن ياكى يېقىندا بولسۇن ئوخشاشلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېتىدۇ، دائىم ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىشگە ھاجەت بولمايدۇ.