بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاندىن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۇنى قانداق يازىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى: كىمكى بىر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، قىلالمىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىرگە ئوندىن ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياخشىلىق يازىدۇ، ياخشىلىقنىڭ زىيادە بولىشى شۇ ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئىخلاس، سەمىيمىيەت ۋە مەنپەئەتنىڭ باشقىلارغا يېتىش نەتىجىسى بىلەن بولىدۇ. كىمكى بىر يامانلىقنى ئىرادە قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر يامانلىقنى باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ياكى ئۇنى قىلىش سەۋەپلىرىنى قىلالماي تەرك قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە يىزىلمايدۇ، ئەگەر يامانلىق قىلىشقا كۈچى يەتمەي تەرك قىلغان بولسا ئۇنىڭ نىيىتىگە كۆرە يىزىلىدۇ، ئەگەر ئۇ يامانلىقنى قىلسا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر يامانلىق يىزىلىدۇ.