ساھابىلارنىڭ بەزىسى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، بىز قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرەمدۇق؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز چۈش ۋاقتىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈن ئالەمگە نۇر چىچىپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئاسماندا سىلەرنى قۇياشنى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، سىلەرگە شۇ قۇياشنى كۆرۈش ئۈچۈن قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز ئاسماندا ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: ئاي تولۇق توشۇپ ئاسماندا ئاشكارا بولسا، سىلەرنى ئاينى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، ئاشۇ ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن سىلەر بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىشىپ، قىستىلىشىپ قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلار: «ياق» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!، سىلەر قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە قېينالمىغاندەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىمۇ قىينالمايسىلەر»، يەنى: قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە شەك ۋە تالاش-تارتىش قىلمىغاندەك، ئاللاھنى كۆرۈش ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ، ھېچ قانداق شەك-شۈبھە بولمايدۇ، بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلمايسىلەر، ئىختىلاپمۇ قىلمايسىلەر، ئوخشۇتۇش ئوچۇق-ئاشكارىلىقى شەك قىلمىغۇدەك دەرىجىدە دەپ قاراپ پەقەت كۆرۈشتىلا بولدى، كۆرۈشنىڭ باشقا كەيپىياتىدا، كۆرۈلگۈچىدە بولمىدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن پاكتۇر. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پۇلان! مەن سېنى ئۆز قەۋمىڭدە ئالاھىدە گىپى ئۆتىدىغان قىلمىدىممۇ؟، ئۆز جىنسىڭدىن جۈپ ئاتا قىلىپ تۇرمۇشلۇق قىلمىدىممۇ؟، جۈپتىڭ بىلەن سىنىڭ ئاراڭدا ئۈنسى-ئۈلپەت، مېھرى-مۇھەببەت قىلمىدىممۇ؟، ساڭا ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىدىممۇ؟، سېنى قەۋمىڭگە باشلىق قىلىپ، غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟ (جاھىلىيەتتە قەبىلە باشلىقلىرى غەنىمەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئالاتتى)» دەيدۇ، بەندە بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقرار قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا: «ماڭا ئۇچرىشىشنى بىلەمتىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «سەن مىنى ئۇنتۇغاندەك مەنمۇ سىنى ئۇنتۇيمەن» دەيدۇ، يەنى سەن دۇنيادا ماڭا ئىتائەت قىلىشنى تاشلىغاندەك، بۈگۈن سېنى رەھمىتىمدىن يىراق قىلىمەن. ئۇنتۇش بۇ يەردە بىلىشنى خالىماسلىقتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا: «سىلەر بىزنى ئۇنۇتقاندەك بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئىككىنچى بىر بەندە بىلەن ئۇچرىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىرىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچراشقاندىكى سوئالى ۋە ئۇ ئادەمنىڭ جاۋابىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن ئاللاھ ئۈچىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇ ئادەمگىمۇ يۇقىرقى سوئالنى دەيدۇ، ئۇ ئادەم: «ئى رەببىم!، مەن ساڭا، سىنىڭ كىتابلىرىڭغا، پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم، ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم» دەپ، ئۆزىنى كۈچى يىتىدىغان ھەممە نەرسە بىلەن ماختايدۇ، ئاللاھ تائالا: «ئۇنداقتا بۇ يەردە»، يەنى: سەن ئۆزۈڭنى بىر مۇنچە ماختىغان بولساڭ، ساڭا ئەمەللىرىڭنى گۇۋاھچى تۇرغۇزۇپ كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە توختاپ تۇر» دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ھازىر ساڭا گۇۋاھچى ئېلىپ كىلىمىز» دېيىلىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە: «ماڭا كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پىچەتلىنىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرىغا: «سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ، يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدۇ، بۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئۈزۈر ئېيىتماسلىقى ئۈچۈندۇر، يەنى: ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھى كۆپ بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى ئىسىلغىدەك ئۆزرە قالمىغۇدەك دەرىجىدە يوق قىلىش ئۈچۈن ئەزالىرىنى سۆزلىتىدۇ، بۇ ئۈچىنچى بەندە ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىغان مۇناپىقتۇر