پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ياردەم بەرگىن، يەنى: مېنى ساڭا زىكىر ئېيتىشقا، شۈكۈر قىلىشقا ۋە ئىبادەتلىرىنى ياخشى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، «مېنىڭ زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن»، يەنى: ئىنسان، جىن ۋە شەيتانلاردىن مېنى ساڭا ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەيدىغانلارنى ماڭا غەلىبە قىلدۇرمىغىن. «ماڭا مەدەت بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن»، يەنى: كاپىرلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنى ماڭا غالىپ قىلمىغىن ياكى: نەپسىمگە غەلىبە قىلىشىمغا ياردەم بەرگىن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىم، مەن خاھىشىمغا ئەگىشىپ، ھىدايەتنى تاشلىماسلىقىم ئۈچۈن، مىنى يامانلىققا بۇيرىيدىغان نەپىسنىڭ ماڭا غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەرمىگىن. «ماڭا تەدبىر بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن»، يەنى: ماڭا مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى ئۇلار تۇيمىغان ھالەتتە مەغلۇب قىلىدىغان تەدبىر ئاتا قىلغىن، ماڭا ئۇنداق قىلمىغىن. تەدبىر قىلىش دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەرىكەت سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ بۇ سۈپەت بىلەن كاپىرلارغا ۋە مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدىغانلارغا تەدبىر قىلغىنىغا ئوخشاش پەقەت مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇندىلا سۈپەتلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتنى ئۆزىگە ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇنى ئاللاھقە لايىق ھالەتتە ئىسپاتلايمىز، ئۇنىڭدىن بۇ سۈپەتنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس. «ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن»، يەنى: مېنى ياخشىلىققا باشلىغىن، تائەت قېيىن تۇيۇلۇپ، ئىبادەتتىن قالماسلىقىم ئۈچۈن ھىدايەتكە ئەگىشىشنى ياكى ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ماڭا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، «ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن»، يەنى: «ماڭا تاجاۋۇز قىلغان ۋە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن»، ئى ئاللاھ! مېنى نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغۇچى، ھەممە ۋاقىت ساڭا زىكىر ئېيتقۇچى، قېيىنچىلىق-خۇرسەنلىكتە سەندىن قۇرۇققۇچى، تائەت-ئىبادەت بىلەن ساڭا بەك بويسۇنغۇچى، سەندىن ئەيمەنگۈچى، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ئىتائەت قىلىشقا قايتىپ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، ئى پەرۋەردىگارىم! تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، تەۋبىنىڭ ھەممە شەرتلىرى تولۇقلانغان، ئەدەپلىرى جۇغلانغان قىلغىن، چۈنكى ئۇنداق تەۋبە رەت قىلىنمايدۇ، گۇناھىمنى ئۆچۈرگىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، ھۆججىتىمنى دۇنيادا دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن مۇستەھكەم قىلغىن ياكى دۇنيادا ۋە ئىككى پەرىشتىگە جاۋاپ بېرىدىغان ۋاقىتتا سۆزۈم ۋە تەسدىقىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، دىلىمنى ھىدايەت قىلغىن، تىلىمنى توغرىلىغىن، يەنى: تىلىمنى راست سۆزلەيدىغانغا ۋە ھەقنى سۆزلەيدىغانغا توغرىلىغىن. «دىلىمنىڭ قارىسىنى چىقىرىۋەتكىن» يەنى: ئالداش، خىيانەت، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇق دېگەندەك ئىنساننىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولۇپ، دىلىغا ئورناپ قالىدىغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىن»دەيتتى