ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ». تېكىست توغرا - ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىيزانىدا سۆز-ھەرىكەتلەردىن گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: باشقىلارغا ئوچۇق چېراي بولۇش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىدىكى ناچارلىق ۋە قەبىھ سۆزلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇ ساھىبىغا ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ سۆيگۈسىنى قالدۇرىدۇ، بۇ قىيامەت كۈنى مىزاندا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئەمەلدۇر.