بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى تىلغا يالۋۇرىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، ئۇ ئەزالار تىلغا ئەگىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ ئاتقۇزغاندا تىلغا: بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز سېنىڭ يېنىڭدا دەيدۇ، تىل ئىگىسىگە نىسبەتەن خەتىرى ئەڭ قاتتىق ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر تىل رۇس بولسا، قالغان ئەزالارمۇ رۇس بولىدۇ، ئەمەللىرى توغرا بولىدۇ، ئەگەر تىل قىڭغىر بولسا، قالغان ئەزالارمۇ قىڭغىر بولىدۇ، ئەمەللىرى بۇزۇلىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بەندىنىڭ قەلبى رۇس بولمىغىچە ئىمانى رۇس بولمايدۇ، تىلى رۇس بولمىغىچە قەلبى رۇس بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. تىلنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ، تىل ئىگىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ياكى بەختسىزلىكى ئۈچۈن سەۋەب بولىدۇ، ئەگەر تىلنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت بولىدۇ، ئەگەر تىلىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارغا قويۇۋەتسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەسىرەت بولىدۇ