بۇ ھەدىستە ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاخىرەتتە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىدى، بۇ، ئاخىرەت ئىشلىرىغا ھېرىسمەن ھەر بىر مۇسۇلنىڭ غايىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تىلىڭنى يىغ» دەپ تىلىنى باشقۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى تىلنىڭ خەتىرى زور ۋە زېيىنى كۆپ بولىدۇ، مۇسۇلمان تىلىنى باشقۇرىشى، ئاخىرەتلىكىگە پايدىسى بولمىسا سۈكۈتنى تاللىشى كېرەك. «ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل» يەنى: ئىنسان زۆرۈر ئىشى بولمىسا سىرتلارغا كۆپ چىقماسلىقى، ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن زېرىكمەسلىكى، بەلكى ئۆيدە تۈرۈشنى يامانلىق ۋە پىتنىدىن ساقلىنىشنىڭ پۇرسىتى قىلىشى كېرەك. «خاتالىقىڭغا يېغلىغىن» يەنى: خاتالىقىڭغا پۇشايمان قىلىپ راس يىغلا، بولمىسا زورلاپ بولسىمۇ يىغلا، سەندىن سادىر بولغان گۇناھ ئۈچۈن ئاللاھقا توۋە قىل، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ