پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام بولغان غەيۋەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: سورۇندا يوق بولغان مۇسۇلمان كىشىنى ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە جىسمانى سۈپەتلىرىدىن ئۇ كىشى ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدىغان سۆزنى قىلىشتۇر. مەسىلەن: ئالىغاي، ساختىپەز، يالغانچى دېگەندەك ئۇ كىشىنى سۆكۈدىغان سۈپەتلەر، گەرچە ئۇ سۈپەتلەر ئۇ كىشىدە بولسىمۇ ئۇنى دېمەسلىك كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقىدەك سۈپەتلىگەن ناچار سۈپەتلەر ئۇ كىشىدە بولمىسا، بۇ غەيۋەتتىنمۇ يامان بولغان بۆھتاندۇر، يەنى ئۇ ئىنساندا يوق بولغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشتۇر.