پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى: ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇناھ قىلسا، تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ قىلغان مۇشۇ خاتالىقىغا تەۋبە قىلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتىپ ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇكىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى تىلاۋەت قىلدى: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].