بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلەم قەبىلىسىدىن بولغان مائىز ئىبنى مالىك دېگەن كىشىنى چالما-كېسەك قېلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى زىنادىن ئىبارەت بۇ پاھىشە ئىشنى سادىر قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە قىلىپ سالغان كىشىنىڭ قىلمىشىنى ئاشكارا قىلىپ، ئۆزىنى رەسۋا قىلماستىن بەلكى ئاللاھ يوشۇرغان ئىكەن ئۆزىنى يوشۇرۇپ، تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، ئاللاھ تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئۆز قىلمىشىنى ھاكىمغا مەلۇم قىلغىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۆزىنىڭ قىلغان ناچار قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىگە ئاللاھ ئۆز كىتابىدا بەلگىلىگەن جازانى ئىجرا قىلىدىغانلىقى خەۋەر بەرگەن