پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بىزدىن ئىلگىرىكى بىر ئۈممەتتە بىر ئادەم توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئاندىن پۇشايمان قىلىپ، زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سورىدى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىماقچى ئىدى، ئۇنىڭغا بىلىمسىز ئىبادەتگۇي بىر راھىب كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبقا ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، راھىب بۇ گۇناھنى بەك چوڭ كۆرۈپ: «تەۋبەڭ قوبۇل بولمايدۇ » دېدى، ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىغى كېلىپ، جېلە بولۇپ راھىبنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئادەمنىڭ سانىنى يۈزگە يەتكۈزدى، ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سورىدى، ئۇنىڭغا بىر ئالىم كىشى كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ ئۇنىڭغا: ئۆزىنىڭ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، ئالىم: «ھەئە، سەن بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى كىم توسالايدۇ؟، تەۋبىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، لېكىن سەن پالانى شەھەرگە بارغىن، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار» دېدى، - ئاللاھ بىلگۈچىدۇر- ئۇ كىشى ياشىغان زېمىن كۇپرى دىيارى بولغاچقا بۇ ئالىم ئۇنى ئۆز دىنى بىلەن ئاللاھتائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان بۇ شەھەرگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغاندەك قىلاتتى، ئۇ تەۋبە قىلىپ، پۇشايمان قىلىپ دىنى بىلەن ئاللاھتائالاغا ئىبادەت قىلىدىغەن كىشىلەر بار شەھەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ يىرىم يولغا كەلگەندە ئەجىلى توشتى، رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا تالىشىپ قالدى، رەھمەت پەرىشتىلىرى: ئۇ تەۋبە قىلدى، پۇشايمان قىلىپ، تەۋبە بىلەن كەلدى» دېدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاش- تارتىش يۈز بەردى، ئاللاھ يەنە بىر پەرىشتىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئەۋەتتى، ئۇ پەرىشتە: «ئىككى شەھەرنىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا، شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن، كۇپرى شەھرىگە يېقىن بولسا ئازاب پەرىشتىلىرى جېنىنى ئالسۇن، ئىمان شەھرىگە يېقىن بولسا رەھمەت پەرىشتىلىرى جېنىنى ئالسۇن» دېدى، ئۇلار ئۆلچەپ، ئۇ قاراپ ماڭغان شەھەر (ئىيمان شەھىرى) ھىجرەت قىلغان شەھەردىن بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالدى