رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بىر كىشىنىڭ ۋەقەلىكىنى بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن. بىر كىشى يەنە بىرەيلەندىن 1000 تىللا قەرز سورغاندا قەرز بەرگۈچى ئۇ كىشىگە مەندىن بۇ پۇلنى ئالغانلىقىڭغا گۇۋاھچىدىن بىرىنى ئەكەلگىن، دېگەن. قەرز ئالغۇچى: گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىك ۋە كۇپايىدۇر، يەنى ساڭا ۋە ماڭا ئاللاھ تائالا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، دېگەن. قەرز بەرگۈچى ئۇنداقتا ساڭا كىپىل بولغۇچىدىن بىرنى ئەكەلگىن دېگەندە، ئاللاھ تائالا كىپىل بولۇشقا يېتەرلىكدۇر، دېگەن. يەنى ئاللاھ تائالا كىپىل بولىدۇ، دېگەندە ئۇ كىشى راست ئېيتتىڭ دېگىنىچە ئۇنىڭغا 1000 تىللانى مەلۇم مۇددەتكىچە دەپ قەرز بەردى. قەرزدار ئۇ پۇلنى ئېلىپ تىجارەت ئۈچۈن دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى، قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە قەرزدار پۇلنى ئېلىپ قىرغاققا كەلدى، ئەمما قەرز بەرگۈچىنىڭ يۇرتىغا بارىدىغان كىمە تاپالمىدى، شۇ ئارلىقتا قىرغاقتا بىر ياغاچنى ئۇچراتتى، ياغاچنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئىچىنى ئويدى ۋە 1000 تىللا پۇلنى، بىر پارچە مەكتۈپ يېزىپ ئۇنىڭدا: پالانىدىن پالانىغا، مەن پۇلنى ۋەكىلىمگە تاپشۇردۇم، دېدى. ئاندىن ئۇنى ياغاچ ئىچىگە قويۇپ ئۇ ئورۇننى مەھكەم ئىتىۋەتتى. ئاندىن مۇنداق دەپ: ئى ئاللاھ تائالا سىلى ياخشى بىلىدىلا، مەن پالانى ئىسىملىك بىر كىشىدىن مىڭ تىللا قەرز ئالغىنىمدا ئۇ كىشى مەندىن كىپىل سورىغان ئىدى، مەن سىلىنى كىپىل قىلغىنىمدا ئۇ رازى بولغان، مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغاندا، مەن سىلىنى گۇۋاھچى قىلسام ئۇ رازى بولغان، ئەمدىلىكتە مەن قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ پۇلىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ كىمە تاپالمىدىم، مەن بۇ پۇلنى سىلىگە ئامانەت قويدۇم، دەپلا ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى. ئۇ ياغاچ دېڭىزدا كۆزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى. لېكىن يەنىلا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولالماي، يەنە مىڭ تىللا ئېلىپ قەرز ئېگىسىگە ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن كىمە ئىزدەشكە تىرىشتى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى قىلغان ئىشنى يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە قەرز بەرگۈچىمۇ قەرزداردىن پۇلىنى تاپشۇرۋېلىش نىيىتىدە ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا قىرغاققا باردى. قەرزدارنىڭ ياكى ئۆزى ئېلىپ كىلىش ياكى بىرەر كىشىدىن ئەۋەتىشىنى كۈتۈپ قىرغاقتا ساقلىدى. بىراق كىمە كەلمىدى، شۇ ئارىلىقتا ئۇ قىرغاقتا بىر تال ياغاچنى ئۇچرۇتۇپ قالدى-دە ئۇنى ئوتۇن قىلىش ئۈچۈن ئېلىۋالدى. ئۆيگە بېرىپ ياغاچنى ھەرە بىلەن كېسىۋىدى ئۇنىڭدىن پۇل ۋە مەكتۈپنى ئۇچراتتى. بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزدار قايتىدىن يەنە 1000 تىللا پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە دېدى: مەن قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمدا كىمە تاپالمىغان ئىدىم، ئەمدىلىكتە بىر كىمە تېپىپ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ، دېگەندە، قەرزدار: مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى: سەن ياغاچ ئارقىلىق ئەۋەتكەن پۇلنى ئاللاھ تائالا ماڭا يەتكۈزدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، دېدى