مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى، دەيدۇ» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنى دۇنيادا ئەرلىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۇ ئەر دۇنيادا ئۇ ئايالنىڭ قېشىدا مېھماندۇر، پات-يېقىندا دۇنيادىن يۆتكىلىپ ئاخىرەتكە كېلىپ جەننەتكە كېرىدۇ، ۋە ئاخىرەتتىكى ئاياللارنىڭ مېھمىنى بولىدۇ