پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ خىزمىتىدىن قايتقاندىن كىيىن مەدىنىگە كەلگەندە يېنىدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنى كۆرسۈتۈپ: ئى مۇسۇلمانلار جامائىتى، بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى بۇ قىلمىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مېنى مەسئۇل قىلغان زاكات ۋە غەنىمەتلەر خىزمىتىگە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى تەيىنلىسەم، ئۇ خىزمىتىدىن قايتىپ كەلگەندە: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نەرسىلەر،- دەيدۇ، ئەگەردە ئۇ كىشى سۆزىدە راستچىل بولسا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا بۇ ھەدىيەلەر ئۇنىڭغا كىلەرمىدى؟ ئې خادىملار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە بېرىلىدىغان ناھەق بىرەر نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى ئەگەر تۆگە ياكى كالا، ياكى قوي بولغان تەقدىردىمۇ، يەلكىنىگە ئارتقان ھالدا ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىدۇ،- دېدى، ئاندىن ئىككى قولىنى ساھابىلار قولتۇقىنىڭ ئېقىنى كۆرگىچە ئىگىز كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ تائالا يەتكۈزدۈممۇ؟ دېدى