ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمگە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا مىنىپ جىھاد قىلغىلى بىر ئات بەردى. ئۇ ئادەم ئۇ ئاتقا جايىدا قارىمىدى، ئۇنى ئوبدان باقمىغانلىقتىن ئۇ ئات چارچاپ ھەتتاكى ئورۇقلاپ ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇ ئاتنى ئۇ ئادەمدىن سېتىۋېلىشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ ئاجىز - ئورۇقلىقىدىن ئەزان بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالماستىن ئۇنى ئېلىشقا ئۇرۇنمىدى، چۈنكى بۇ سودىدا بىر مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەتتا ئەڭ ئەرزان باھادا بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى سېتىۋېلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى بۇ نەرسە ئاللاھ يولىدا چىقتى، ئۇنداق بولغاندىكىن سەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالمىغىن! يەنە ئۇ ھەدىيەنى ئالغان ئادەم ئۇنىڭ باھاسىدا ساڭا يان بېسىپ قالمىسۇن، ئۇنداق بولۇپ قالسا سەدىقەڭنىڭ بەزىسىنى قايتۇرۇۋالغاندەك بولىسەن. بۇ سەندىن چىقىپ كەتتى، سىنىڭ گۇناھىڭغا كاپپارەت بولدى، سەندىن بولمىغۇر زىيانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتتى، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ساڭا قايتىپ كېلىشى لايىق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سېتىۋېلىشىنى (سەدىقىسىدىن قايتىش) دەپ ئاتىدى