مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ يولىدا قۇل ئازات قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەرمۇ قىلماي ياكى رۇخسەتمۇ سورىماي ئۆزىنىڭ بىر دېدىكىنى ئازات قىلىۋەتتى، ئۆزىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈنىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇ ھەقتە خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلمىدى بەلكى ئۇنىڭغا: ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى دېدى، بۇنىڭ مەنىسى: ياخشى ئىش قىلىپسىز، لېكىن سىز بۇ ھەدىيەنى ھىلالنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز، سىزگە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۇزگەنلىك ۋە سەدىقە قىلغانلىقتىن ئىبارەت ئىشىڭىزغا كۆپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلەتتى