پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەدىيە بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا مىسال بېرىپ، ھەدىيە بېرىپ بولۇپ ئۇنى قايتۇرۇۋىلىشنىڭ ئەڭ قەبىھ ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنى، قۇسۇپ كەينىدىن قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشاتتى. بۇ بولسا، ئۇ قىلمىشنىڭ ناھايىتى سەت ۋە رەزىل ئىكەنلىكى ۋە ئۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ پەسكەشلىكىگە دالالەت قىلىدۇ