ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇنداق سورىغان: ئومۇمىيۈزلۈك خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان، مېنىڭ ئىككى خوشنام بار، ئىككىلىسىگە تەڭ بىر نەرسە ھەدىيە قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، ئەگەردە بىرىگە ھەدىيە قىلىش بىلەن خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرمەك ئۈچۈن قايسىسغا بىر نەرسە ھەدىيە قىلسام بولىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئىشىگى سىزگە ئەڭ يېقىنىغا ھەدىيە قىلىڭ، دېدى