پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە ئەتىسى ناھايىتى كاتتا پەزىلەت ئىگىسى ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىگە بولغان بىر كىشىنىڭ قولى بىلەن، يەھۇدىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقلىرى بىلەن خۇش بىشارەت بەردى. ساھابىلەر ياخشىلىققا بەك ھېرىسمەنلىكىدىن ھەممىسى ئۇ ئىشقا ئىشتىياق باغلاپ شۇ ۋاقىتنى كۈتتى. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يىنىغا باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىزدىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ كېلەلمەسلىكى بۇ ئىشقا ئۇدۇل كىلىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ مۇبارەك تۈكۈرۈكى بىلەن تۈپلىدى، ئۇ ھېس قىلىۋاتقان ئاغرىق تولۇق توختىدى ۋە ئۇنىڭغا ئەسكەرى قوماندانلىقنى تاپشۇردى. ئۇنى ئالدىرىماستىن دۈشمەن تەرەپكە مېڭىپ، ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشكە چاقىرىشقا بۇيرىدى. ئەگەر قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە پەرز بولغان ئەمەللەرنى بايان قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ۋە دەۋەتچىنىڭ قولىدا بىرەر كىشى ھىدايەت تېپىپ قالسا، بۇنداق بولغىنى مۇشۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ماللىرىدىنمۇ ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەگەر ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ھىدايىتى ھاسىل بولسا قانداق بولۇپ كىتەر- ھە!؟