ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۆزىنىڭ بەزى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە چىققان بولۇپ، ئۇلاردىن ئالتە نەپەر ئادەم بىر تۆگىنى نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى، بىرسى مەلۇم مۇساپە مىنسە، نۆۋىتى ئاخىرلىشاتتى، ئاندىن ئۇ كىشى تۆگىدىن چۈشۈپ، نۆۋىتى كەلگەن ھەمراھىغا بېرەتتى، ئۇلار كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ بولغىچە مۇشۇنداق نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى. يولنىڭ يىراق بولىشى بىلەن بىرگە باياۋاندا پىيادە ماڭغانلىق سەۋەبىدىن پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ، تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يىرتىپ، پۇتلىرىنى ئورايدىغان نەرسىمۇ يوق ئىدى، ئۇلار يالاڭ ئاياق ماڭاتتى، شۇ سەۋەبلىك ئېغىر زىيان كېلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ پۇتلىرى قاپىرىپ كەتسىمۇ سەپەرنى توختاتماي، بەلكى دۈشمەنگە ئۇچراشقۇچە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. «بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالاتتۇق» بۇ سۆز ئۇلارنىڭ قاتتىق زېمىندا ئۇزۇن يول يۈرگەنلىكتىن ئاياغلىرى يېرتىلىپ، پۇتلىرىنى زېمىننىڭ تاش ۋە ھارارىتىدىن ساقلاش ئۈچۈن پۇتلىرىغا لاتا يۆگىۋالغانلىقىغا ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ، «بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ جەڭ "زاتۇررىقائ" دەپ ئاتالدى» يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغان بۇ قېتىمقى جەڭ شۇنىڭ ئۈچۈن «زاتۇررىقائ» دەپ ئاتالدى، بۇ شۇ غازاتنىڭ ئاتىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئەبۇ بۇردە مۇنداق دېدى: «ئەبۇ مۇسا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ، ئاندىن بۇ ھەقتە سۆزلەشىنى ياقتۇرماي: مەن بۇ ئىشنى سۆزلەپ نېمە قىلىمەن،-دېدى، خۇددى ئەبۇ مۇسا ئۆز ئىشىدىن بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغاندەك قىلاتتى» بۇنىڭ مەنىسى: ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا روھىي ساپلىق ۋە پىداكارلىقنى نامايەن قىلىدىغان سۆزلەر بولغاچقا، بۇ ھەقتە سۆزلىمەسلىكنى ئارزۇ قىلىپ قالدى، چۈنكى باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى بولۇشتەك كۈچلۈك مەسلىھەت بولمىغان ۋاقىتتا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوشۇرۇش ئاشكارىلاشتىن ياخشىدۇر، يەنە بىر ھەدىستە: «ئوڭ قولى بىلەن قىلغان ياخشى ئىشنى ھەتتا سول قولىمۇ بىلمىگۈچىلىك ھالەتتە يوشۇرۇن قىلىدۇ» دېيىلگەن. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس