ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، (يەنى ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا) ئۇنىڭ يىشى ئون تۆرت ياش ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جىھادقا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن خەندەق غازىتى يىلى (يەنى ھىجرىيەنىڭ بەشىنچى يىلىدا) ئۇنىڭ يىشى ئون بەش ياش ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا قايتا جىھادقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت بەردى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ يىشى يەنى ئۇھۇد غازىتى كۈنلىرىدە ئون تۆت ياشقا ئەمدى كىرگەن، خەندەق غازىتى كۈنلىرىدە ئون بەش ياشقا تولغان كۈنلىرى ئىدى