پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش كاپىرلىرى ئارىسىدا سۈلھى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توققۇز نەپەر مۇشرىكنى قېنى ھالال دەپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى، مەككە ئازاد قىلىنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە بېشىغا دۇبۇلغا كېيىپ ئىھتىيات ھالىتىدە كىردى، ساھابىلارنىڭ بەزىسى ئىبنى خەتەل ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يامان قىلمىشى ۋە ناچار ئىشلىرىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ، كەبىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ تۇرغان ھالەتتە تاپتى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ئەيمىنىپ قالدى، سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەجەر بىلەن مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلدى