پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن «ئاللاھ تائالانىڭ سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن» بىرىنىڭ ۋەقەلىكىدىن خەۋەر بەرگەن، ئۇ پەيغەمبەر بىر يۇرۇت ئاھالىسىگە قارشى جىھاد قىلىش ئالدىدا ئۆز قەۋمىدىن جىھادقا چىقماقچى بولغانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى توسقان. يېڭىدىن توي قىلىپ ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنى، ئۆي سېلىپ تورىسىنى ياپمىغانلارنى، بوغا. قوي ياكى تۆگە سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ تۇغۇشىنى كۈتىۋاتقانلارنى بۇ جىھادقا چىقىشتىن توستى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇ مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ. توي قىلغان يىگىت تېخى بىللە بولمىغان ئايالىنى سېغىنىدۇ، ئۆي سېلىپ ئۇنىڭ تورىسىنى ياپمىغان ئەر بۇ ئۆينى تىزدىن پۈتتىرىپ ئائىلىسى بىلەن بۇ ئۆيگە كۆچۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، يەنە قوي، تۆگە سېتىۋالغان كىشىمۇ پاقلان، بوتىلاقلارنىڭ تىنىچ-ئامان تۇغۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما مۇجاھىد جىھادقا ئاتلانغاندا ئۆزىنى تولۇق جىھادقا ئاتىغان ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولىشى كېرەك. ئاندىن بۇ پەيغەمبەر غازاتقا ئاتلاندى، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كەچ كىرىش ئالدىدا ياۋ «دۇشمەن» بىلەن ئۇچراشتى، كەچ كىرىپ قېلىپ مۇسۇلمانلار غەلبە قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، كۈنگە مۇنداق خىتاب قىلدى: سەنمۇ ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنغۇچى، مەنمۇ بويسۇنغۇچى، دېدى بىراق پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇشى شەرئى جەھەتتىكى بويسۇنۇش، كۈننىڭ بولسا قانۇنىيەت جەھەتتىن ئىدى. پەيغەمبەر ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلىق ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ، كۈن ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان تەرەپكە قاراپ يۇرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. سۈرە ياسىن 38-ئايەت. ئاللاھ تائالا كۈننى ياراتقان ۋاقىتدىن تا ھازىرغىىچە ئىلگىرى كېيىنمۇ چىقماي، ئىگىز-پەسمۇ بولماي ئۆز ئوربىتىدا ئايلانماقتا. ئۇ پەيغەمبەر: ئى ئاللاھ بىزگە كۈننى توختىتپ بەرسىلە، دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى توختىتپ بەرگەن ئىدى، قوياش ئۆز ۋاقتىدا پاتماي، بۇ پەيغەمبەر غازاتنى قىلىپ، غەنىمەتلەرنى ئېلىپ بوغۇچە بىر خىل ھالەتتە تۇردى. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى غەنىمەتلەرنىڭ ھالال بولىشى بۇ ئۈممەتكە خاس ئىش بولۇپ، ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ھالال بولمىغان ئىدى. ئۇلار ئالغان غەنىمەتلەرنى بىر جايغا يىغىپ قويغاندا ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ ئۇنى كۆيدۈرۋېتەتتى، بۇ ئۇ جىھادنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. بۇ پەيغەمبەرمۇ غەنىمەتلەرنى ئالغاندا ئۇنى يىغقان ئىدى، لىكىن ئوت كېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر: سىلەردىن غەنىمەتكە خىيانەت قىلغانلار باركەن، دېدى. ئاندىن ھەر بىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرىنى خىيانەت قىلىمىغانلىق ھەققىدە بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بەيئەت قىلغاندا بىر كىشىنىڭ قولى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: خىيانەتچى سىلەردىن«يەنى بۇ قەبىلىدىن» ئىكەن، دېدى. ئاندىن بۇ قەبىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلاردىن ئىككى ياكى ئۈچ كىشىنىڭ قولى چاپلىشىپ قالغان ئىدى. پەيغەمبەر: سىلەر خىيانەت قىلىپسىلەر، دېدى. ئۇلار ئۆكۈزنىڭ بېشى چاغلىق بىر كاللەك ئالتۇننى كەلتۈرگەندە ئۇنى غەنىمەتلەر بىلەن بىللە قويغان ئىدى، ئوت كېلىپ غەنىمەتلەرنى كۆيدۈرۈپ يوقاتتى