ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەتنى ئاتلىقلارغا ئىككى ئۆلۈش، پىيادىكىلەرگە بىر ئۆلۈش، بۆلۈپ بەردى. ئۇنداق تەقسىم قىلىشتا؛ ئۇرۇشتا ئاتلىقنىڭ كارغا كىلىشى ۋە قوشۇننىڭ كۈچىنى بېيىتىشى پىيادىلەردىن كۆپرەك بولىدۇ. بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە ئىشارەت قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى. (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا – چاڭ چىقارغۇچى. شۇ توپا – چاڭ بىلەن دۈشمەن ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى.» [سۈرە ئادىيات 3-5 ئايەتلەر]. بۇ ئايەتلەردە ئاتنىڭ ئۇرۇشتىكى كۈچنى بېيىتىشىغا ئىشارەت باردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاتنىڭ پىشانىسىدا قىيامەت كۈنىگىچە ياخشىلىق باردۇر، دېگەن