ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى مۇشرىكلاردىن بىر ئادەم بىلەن ئالماشتۇرغانلىقى رىۋايەت قىلغان سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارغا ئۇلارنىڭ بىر ئادىمىنى بېرىپ، ئورنىغا مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى ئالغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى: مۇسۇلمانلار دۈشمەندىن ئەسىرگە ئالغان بولسا، قوماندانغا ئەسىرلەردە خاھىشىغا ئەگەشمەي، ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغىنىنى ئىزدىنىپ، تۆت تۈرلۈك ئىشتىن بىرنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ: ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇلارنى قۇل قىلىش ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ھېچنىمە ئالماي قويىۋىتىش ياكى مەلۇم مىقداردا مالغا ياكى كاپىرلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت