پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم جىھاد ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق بىلەن تۇراتتى، ئاللاھ تائالانىڭ: «دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قۇرال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار» دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن ئاتلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ساھابىلارنى ئات مېنىشكە، قوغلاش ۋە قېچىشقا چېنىقتۇرۇپ تۇراتتى. ئۈگۈتۈش ۋە كۆندۈرۈش ئۈچۈن مەشىق قىلدۇرۇلغان ئاتلارغا مەلۇم نىشانلارنى، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلارغا مەلۇم نىشانلارنى بەلگىلەپ بىرەتتى. ساھابىلارنىمۇ ھەم جەڭگە چېنىقتۇراتتى. «مەشىق قىلدۇرۇلغان ئات مەلۇم ۋاقىت يەم بېرىپ، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئاچ قويۇپ بېقىلغان ئاتلاردۇر»، بۇنداق ئاتلار ئالتە مىل ئارىلىقتا، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلار بىر مىل ئارىلىقتا بەيگىگە سېلىناتتى. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇ بەيگىلەرگە قاتناشقان ياشلارنىڭ بىرى ئىدى