بۇ ھەدىستە مۇجاھىدلار جەڭ مەيدانىدا ئولجا ئالغان مېۋە ۋە يېمەكلىكلەردىن يېيىشىگە چەكلىمە يوق ئىكەنلىكى، قومانداننىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، چۈنكى مۇجاھىد بەدىنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن غىزاغا مۇھتاج، ئۇنىڭدىن چەكلەش قوشۇنغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئاشلىق ۋە ھەلەپنى ئىسلام دىيارىدىن يۆتكەپ كېلىش قېيىن، بۇ ئازغىنە يېمەكلىك غەنىمەتكە خىيانەت قىلىشقا كىرمەيدۇ