خەندەك غازىتى كۈنى ئۆمەر كۈن پاتقۇچە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇياممىغان ۋە قۇرەيش كاپىرلىرىنى تىللىغان ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى، چۈنكى ئۇلار سەۋەبلىك بۇ نامازنى كۈن پاتاي دېگىچە ئوقۇيالمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمەرنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ: مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، نامازنىڭ ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش ئۆمەرگە بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر تاھارەت ئالدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى، ئاندىن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن شامنى ئوقۇدى