پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك غازىتىدىن قايتقاندا (ئۇ بولسا ئەھزاب غازىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ غازاتتا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەم قىلغانلار ئۈستىدىن ياردەم بەرگەن) ئۆيىگە كىرىپ، قورالىنى قويۇپ، جەڭنىڭ چاڭ-توزاڭىدىن غۇسلى قىلىۋاتقاندا، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن قورالنى قويۇپ بولدۇڭ، لېكىن پەرىشتىلەر قورالىنى ئېسىپ، تېخىغىچە قويمىدى،-دېدى، ئاندىن بەنى قۇرەيزە بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىقىشقا بۇيرىدى، ئۇلار مەدىنە ئەتراپىدىكى يەھۇدىلاردىن بىر جامائەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزگەن شەرتنامىنى بۇزۇپ، كاپىرلارغا ياردەم بەرگەن ئىدى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ساھابىلەر بىلەن چىقىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدى، ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلدى