ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەۋەر بەرگەن ھەدىستە، ھەمزە ئىبنى ئەمرىۋ ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتىدىغانلىقىنى دېگىنىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىق ئىختىيارلىقىنى بېرىپ: ئەگەر خالىساڭ روزا تۇتقىن، خالىساڭ تۇتمىغىن! دېدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ يەردىكى روزىدىن بولغان مەقسىتى پەرز روزا ئىدى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ، ئاللاھ تائالادىن بولغان رۇخسەت، دېدى. بۇ گەپ، ئۇ ساھابىنىڭ پەرز روزا ھەققىدە سورىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ داۋۇد كەلتۈرگەن يەنە بىر ھەدىستە، ئۇ ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئۇلۇغۇم بار شۇنىڭغا مېنىپ سەپەر قىلىمەن ۋە كىراغا سالىمەن، بەلكى رامىزان ئېيىدىمۇ مېنىڭ روزا تۇتۇشقا كۈچۈم يىتىدىغان ھالەتتە ئاشۇنداق ئۇدۇل كىلىشى مۇمكىن، دېدى. بۇنىڭدىن سەپەر ھالىتىدە روزا تۇتماسلىق ئاللاھ تائالادىن بېرىلگەن رۇخسەت ئىكەنلىكى، كىمكى بۇ رۇخسەتنى ئالسا توغرا، كىمكى روزا تۇتسا ئۇنىڭغىمۇ رۇخسەت ۋە تۇتقان روزىسى پەرز روزىغا ھېساب بولىدۇ. تەيسىيرىل ئەللام (325- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم، 429- بەت)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم، 237- بەت)