رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرنى جەننەت ئەھلىنىڭ قىران ياشلىرى، دېگەن. ھەدىس شەرھىلىگۈچى ئالىملارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بۇ سۆزدىن مەقسەت، پەيغەمبەرلەردىن باشقا، بارلىق جەننەت ئەھلىنىڭ نەۋقىران ياشلىرى، دېمەكچى. الكهول: دېگەن الكهل، نىڭ كۆپلۈكى ئۇ 30 ياكى 34 ياشلاردىن 50 ياشقىچە بولغان كىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت ئەينى زاماندا، رەسۇلۇللاھ ئۇشبۇ ھەدىسنى بايان قىلغان ۋاقىتتىكى ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ يېشى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئىككى ساھابىلەرلا ئەمەس بەلكى جەننەتكە كىرگۈغچىلەرنىڭ ھەممىسى 33 ياشلىق نەۋقىران ياشلار بولىدۇ