زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا ئىككى دانە ساۋۇت بار ئىدى، ئۇ بىر تاشقا چىقماقچى بولۇپ چىقالمىدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەسسەپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتى،تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تەلھە قولغا كەلتۈردى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئوھۇد ئۇرۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كاپىرلارنىڭ قىلىچ-نەيزىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى دانە تۆمۈر ئۇرۇش كىيىمى كەيگەن ئىدى، تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا تەمشىلىپ بېقىپ چىقالمىدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىلىپ پەستە ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەسسەپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ: «تەلھە قولغا كەلتۈردى» دېدى، يەنى: تەلھەنىڭ ئوھۇد ئۇرۇشى كۈنىدە قىلغان ئەمەلى ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋاجىپ قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان مەزكۇر ئەمىلى بىلەن جەننەتكە لايىق بولدى