پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن سوراپ، ۋەيران بولغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دىدى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بولغان بويىچە جاۋاپ بېرىشىپ، بىزدە ۋەيران بولغان كىشى دىگەن، پۇللىرى ياكى مال- ماتاسى يوق پېقىر ئادەمدۇر، دىيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بايان قىلىپ دېدىكى: بۇ ئۈممەتدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلاردىن نۇرغۇنلىغان سالىھ ئەمەللەر بىلەن كىلىدىغان، ئەمما بۇ ئادەمنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان،بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدىغان كىشى بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، كىشىلەر بۇ دۇنيادا ئالالمىغانلىرىنى ئاخىرەتتە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئادەمدىن ئۇلارنىڭ قىساسى ئېلىنىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ھەقىقى ئادىل ۋە قىساس يولى بىلەن ئالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ