explain-icon

شەرھىسى

ئبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھاجەت بولمىغان ئەھۋالدا سۆزدە بولسۇن ياكى ئەمەلى ھەرىكەتتە بولسۇن ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • چەكلەنگەن تەكەللۇپ دېگەن: ئورۇنسىز سوئالنى كۆپ سوراش ياكى بىلمىگەن نەرسىنى زورىغا بىلگەندەك كۆرسىتىش ياكى ئاللاھ تائالا كەڭىرچىلىك قىلىپ بەرگەن ئىشتا قاتتىق قوللۇق قىلىۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
  • مۇسۇلمان ئۆزىنى كەڭ قورساق بولۇش، سۆز-ھەرىكەتتە، يېمەك-ئېچمەكتە ۋە باشقا ئەھۋاللاردا ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلماسلىققا ئادەتلەندۈرىشى كېرەك.
  • ئىسلام ئاسانلىق دىنىدۇر.