پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر كىشىنى ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايالنى ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتىن چەكلىگەن. ئەۋرەت دېگەن: ئېچىلىپ قالسا ساھىبى ھايا قىلىدىغان ئورۇنلار بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكى بىلەن تىزىنىڭ ئارىلىقىدۇر. ئايالنىڭ يات ئەرلەرگە نىسبەتەن پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر، ئاياللار ۋە ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىگە نىسبەتەن: ئادەتتە ئۆيىدە ئىش قىلغاندا ئوچۇق قويىدىغان ئورۇنلىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر كىشىنىڭ يەنە بىر ئەر كىشى بىلەن بىرگە كىيىمى يوق-يالىڭاچ ھالەتتە بىر يوتقاندا ياكى بىر ئەدىيالغا ئورىنىپ يېتىشىدىن چەكلىگەن، شۇنداقلا ئايالنىڭ يەنە بىر ئايال بىلەن يالىڭاچ ياكى كىيىمى يوق ھالەتتە بىر يوتقاندا ياكى بىر ئەديالغا ئورۇنۇپ يېتىشىدىن چەكلىگەن، چۈنكى بۇ ئىشلار ھەر ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇپ قىلىش، چەكلەنگەن ئورۇنلارغا قاراپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغىنى قاتتىق چەكلەنگەن، چوڭ بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.