ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز قۇلىنى ئۇرۇشقا لايىق بولمىسىمۇ ئۇرسا ياكى كاچاتلىسا، ئۇنىڭ كاپارىتى ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان