بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئېرىنىڭ يەنە بىر ئايالى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ كۈندىشىنى تېرىك تۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەپ، ئېرىم ماڭا مۇنداق، مۇنداق نەرسىلەرنى بەردى دېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بۇنداق دېسە ئۆزىگە گۇناھ بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئۆزىدە بولمىغان نەرسە بىلەن زىننەتلىنىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ بوھتانچى ۋە يالغانچى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى