پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاداۋەتكە ئېلىپ بارىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە توسىدۇ. شۇ ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن: گۇمان: بۇ دەلىل-ئىسپاتسىز دىلغا چۈشىدىغان تۆھمەت بولۇپ، ئىنساننىڭ سۆزلىگەن راست سۆزىنىمۇ يالغانغا چىقىرىدۇ. تىڭتىڭلاش دېگەن: كۆزى بىلەن ياكى قۇلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرى ۋە ئۇياتلىق ئورۇنلىرىنى كۈزىتىش دېمەكتۇر. جاسۇسلۇق قىلىش : يوشۇرۇن-مەخپى ئىشلارنى تەكشۈرۈش، جاسۇسلۇق دېگەن سۆز كۆپىنچە يامان ئىشلارغا قارىتىلىدۇ. ھەسەت دېگەن: باشقىلارنىڭ نېمەتكە ئېرىشىشىنى ياقتۇرماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. تەتۈر قاراش : بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈش، ئۆز-ئارا سالام قىلىشماسلىق، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى زىيارەت قىلماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۆچ كۆرۈش دېگەن: باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش، چېرايىنى تۈرۇپ تۇرۇش، كۆرۈشكەندە ئوچۇق چىراي ئاچماسلىق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغان ۋە ئىسلاھ قىلىدىغان لەپزى قىسقا مەنىلىك بىر سۆزنى دېدى ئۇ بولسىمۇ:«ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار». دىنى قېرىنداشلىق ئالاقىسى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت باغلىنىدۇ، ئۆزئارا مېھرى-مۇھەببەت زىيادە بولىدۇ، ئارىدا ئۇلپەت بولىدۇ.