شەرئى سەۋەبسىز ئۆز قېرىندىشىنى تاشلىۋەتسە يەنى ئىزدەشمىسە، بۇنى بىر يىلغىچە داۋاملاشتۇرسا ئۇ كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ. خۇددى ئۇ كىشىنىڭ قېنىنى تۆككۈچى جازاغا لايىق بولغانغا ئوخشاش، بۇ جازا ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قارىشى بويىچە باشقىلارنى مۇشۇنداق ئىشلاردىن چەكلەش ئۈچۈن ئۇ كىشىنى ئەدەپلەش ھېسابلىنىدۇ، ئەمما شەرئى سەۋەپ بىلەن تاشلىۋەتكەن بولسا يەنى ئۇ بىدئەتچى، پاسىق كىشىلەردىن بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھغا تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ھەقىقەتكە قايتقانلىقى ئاشكارا بولغانغا قەدەر ئۇنى تاشلىۋېتىش يەنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ