خوۋلە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ». تېكىست توغرا - بۇخارى رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ، توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ مال-دۇنيانى ھالال بولمىغان يوللار ۋە كەسىپلەر بىلەن توپلاش، ئۇنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ قاتارىغا يېتىمنىڭ، ۋەقپىنىڭ مال-مۈلكىنى يېۋېلىش، ئامانەتكە تېنىۋېلىش، ئومۇمنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى مال بولسا ئاللاھنىڭ مېلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇ ماللارنى توغرا ئىشلارغا سەرپ قىلىش ۋە توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىپ بۇزۇپ-چېچىشتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئىگە قىلدى، بۇ ھۆكۈم رەھبەرلەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە ئومۇمدۇر.
  • ئومۇمنىڭ مېلىنى شەرىئەت قانۇنى كۈچلۈك قوغدايدۇ، كىمكى ئومۇمنىڭ مېلىدىن بىر نەرسىگە ئىگە بولىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ توپلىغان ۋە سەرپ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.
  • ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغانلارمۇ ھېساب ئېلىنىدىغان بۇ شەرئىي قانۇننىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.