پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇنەين غازىتىدىن قايتىۋاتقاندا (ئۇ مەككە بىلەن تائىپ ئارسىدىكى بىر جىلغا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇبەيىر ئىبنى مۇتئىم بىرگە كېتىۋاتاتتى) ئەئرابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن غەنىيمەت مال تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالدى، ئۇلار ئۇنى بىر تۈپ سەمۇرە دەرىخىگە (ئۇ جىلغىدىكى بىر تىكەنلىك دەرەخ) قىستىغاندا دەرەخ ئۇنىڭ كىيىمىنى ئىلىۋالدى، ئەئرابىلار ئۇ كىيىمنى تارتقىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ماڭا كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەر سانىچە تۆگە، كالا ۋە قوي بولغان بولسا، ئۇنى ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئەگەر مېنى سىنىساڭلار بېخىل، يالغانچى ۋە قورقۇنچاق ئەمەسلىكىمنى بايقايسىلەر،-دېدى