پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ سېخى كىشى ئىدى»، يەنى: رەسۇلۇللاھ ئىقتىسادى، جىسمى، ئىلمى، دەۋىتى، ۋەز-نەسىھىتى ۋە ئىنسانلارغا مەنپەئەتى يېتىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردا سېخى ئىدى. «رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ سېخىلىق قىلاتتى» چۈنكى رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پەزلى-مەرھەمەت قىلىدىغان، تەۋپىق بېرىلگەن بەندىلەرمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياخشىلىق قىلىدىغان سېخىلىق ئېيىدۇر. «جىبرىئىل ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە»، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا. «جىبرىئىل رەسۇلۇللاھ بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسىدە كۆرۈشۈپ قۇرئان ئۈگىتەتتى»، يەنى: جىبرىئىل رەسۇلۇللاھنىڭ دەرىس ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىشى ۋە قەلبىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن رامىزاندا ھەر كىچىسى قۇرئان ئۈگەتكىلى چۈشەتتى. رەسۇلۇللاھ جىبرىئىل ئۆزى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، قۇرئان تەلىم بەرگەندە خەيرى-ساخاۋەت قىلىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى بولۇپ كېتەتتى، يەنى: ياخشىلىققا ئالدىراپ، بىر نەرسە بېرىشتە شامالدىن تىز ئىدى. «الريح المرسلة» يەنى: ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن سۈرىتى تىز، بوران كەبى شامال. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان ئايلىرىدا كىشىلەرگە ساخاۋەت قىلىشتا بۇ شامالدىنمۇ بەك تىز ئىدى