ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىش دۇنيا مەنپەئەتى ۋە شەخسى غەرەز ئۈچۈن بولسا ھالال بولمايدۇ، ئەمما شەرئى مەقسەت ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ، بەلكى بەزى ۋاقىتتا زۆرۈر بولىدۇ، مەسىلەن: بىدئەتچى، پاسىق ۋە پاجىر كىشىلەر تەۋبە قىلمىسا ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش زۆرۈر بولىدۇ. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاندىن شۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىدىكەن ئۇ ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشى ئاللاھ ئۆتىۋەتمەيدىغان بىرەر گۇناھنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىشكە ھەقلىق بولۇپ دوزاخقا كىرسە، ئۇ كىشى دوزاختىن چوقۇم چىقىدۇ، ئەبەدىلئەبەد دوزاختا قالمايدۇ، پەقەت كاپىرلارلا دوزاخقا لايىق، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختىن چىقىشقا ھېچ يول يوق