پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا چوڭ گۇناھلاردىن خەۋەر بېرىپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك گۇناھنى زىكىر قىلدى: 1-ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش: ئۇ ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىدە يېگانىلىقىغا ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر. 2-ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. 3-يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش: باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋىلىش، ھەق-ھوقۇق، يۈز ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىش دېگەندەك باشقىلارنى چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغان يالغان ۋە ئويدۇرما سۆزلەردىن ئىبارەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يالغان، ئويدۇرما سۆزنىڭ قەبىھلىكى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە بولغان سەلبى تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى تەكرار سۆزلىدى، ھەتتا ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ چەكلىگەن ئىشنى ئۆچ كۆرۈپ كاشكى توختىغان بولسا ئىكەن دېيىشتى.