بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈممىتىنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇشتىن ئاگاھلاندۇردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوئال تەرىقىسىدە گىپىنى باشلىدى، چۈنكى بۇ ئۇسلۇب ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بەكرەك تەسىر بېرىش ۋە دىققىتىنى تارتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلاردىن، (يالغان چاپلاش دېگەن نېمە؟) يەنى: يالغانچىلىق ۋە گەپ توقۇش دېگەن نېمە؟ بۇ سۆز (سېھىر) دەپمۇ چۈشەندۈرۈلگەن. ئاندىن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، يالغان چاپلاش دېگەن: كىشىلەر ئارىسىدا ئاداۋەت توشۇشتۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش سېھىرگەرلىكنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن پىتنە تىرىش، كىشىلەرگە زىيان ئۇرۇش، ئىتتىپاق ئىككى قەلبنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ئىككى يېقىن كىشىنىڭ ئالاقىسىنى بۇزۇش ۋە كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرىنىڭ ئۆچ-ئاداۋەتكە تولۇشىغا سەۋەب بولۇشتەك ئىشلارغا ئوخشايدۇ. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلاردۇر